1. قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى،
2. يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
3. ئەر - ئايالنى ياراتقان زات اﷲ بىلەن قەسەمكى،
4. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك - شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر
5. (پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك
6. (پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك،
7. ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
8. بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك
9. بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك،
10. بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
11. ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
12. توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك - شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز
13. دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك - شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر
14. سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم
15. ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ
16. ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ
17. پاكلىنىش ئۈچۈن مال - مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ
18. پاكلىنىش ئۈچۈن مال - مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ
19. ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر
20. ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر
21. ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ