• 1. ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن

  • 2. تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

  • 3. ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر

  • 4. ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار

  • 5. ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن

  • 6. ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى

  • 7. ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ

  • 8. شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر

  • 9. سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)،

  • 10. ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر

  • 11. يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى،

  • 12. يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى،

  • 13. قۇرئان شەك - شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر،

  • 14. ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر

  • 15. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدۇ

  • 16. مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن

  • 17. (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)

ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo