• 1. يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى

  • 2. يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى

  • 3. (ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن

  • 4. ياكى ۋەز - نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن

  • 5. ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)

  • 6. ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)

  • 7. ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى

  • 8. سەندىن مەرىپەت تىلەپ، اﷲ تىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك

  • 9. سەندىن مەرىپەت تىلەپ، اﷲ تىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك،

  • 10. سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن

  • 11. (بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر

  • 12. خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ

  • 13. ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر

  • 14. ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر

  • 15. (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر

  • 16. (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر

  • 17. ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى!

  • 18. اﷲ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟

  • 19. اﷲ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغۇچە) اﷲ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن - پەي ياراتتى

  • 20. ئاندىن ئۇنىڭغا (ماڭار) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى

  • 21. ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى

  • 22. ئاندىن اﷲ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ

  • 23. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ اﷲ نىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى

  • 24. (بۇ كاپىر) ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن

  • 25. (بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق

  • 26. ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق

  • 27. سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

  • 28. سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

  • 29. سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

  • 30. سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

  • 31. سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

  • 32. سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

  • 33. (قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)

  • 34. ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ

  • 35. ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ

  • 36. ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ

  • 37. ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ

  • 38. ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال - خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ

  • 39. ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال - خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ

  • 40. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ - توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ

  • 41. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ - توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ

  • 42. بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر

ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo