• 1. ئىنسان (ئانىنىڭ قورسىقىدا) بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە بولمىدى
  • 2. شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق
  • 3. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى - يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ) اﷲ نىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر
  • 4. شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق
  • 5. ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ
  • 6. (ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا ئېقىتىپ بارالايدۇ
  • 7. ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ
  • 8. ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ
  • 9. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز
  • 10. شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز»
  • 11. اﷲ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ
  • 12. ئۇلارنىڭ سەۋر - تاقەتلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
  • 13. ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ
  • 14. جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ
  • 15. ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىيىپمۇ قالمايدۇ
  • 16. ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىيىپمۇ قالمايدۇ
  • 17. ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن (يەنى جامدىكى مەي بىلەن) سۇغىرىلىدۇ
  • 18. جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار
  • 19. قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلۇقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن
  • 20. قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە (تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان) نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن
  • 21. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى پاك شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ
  • 22. شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى
  • 23. (ئى مۇھەممەد!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق
  • 24. سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن
  • 25. ئەتىگەن - ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت - ئىبادەت قىلغىن)
  • 26. كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت
  • 27. شۈبھىسىزكى، بۇلار (يەنى مۇشرىكلار) دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ
  • 28. بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق
  • 29. شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز - نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز - نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن
  • 30. پەقەت اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش اﷲ نىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
  • 31. اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. اﷲ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى
ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo
logo
  • 1.سۈرە پاتىھە
  • 2.سۈرە بەقەرە
  • 3.سۈرە ئال ئىمران
  • 4.سۈرە نىسا
  • 5.سۈرە مائىدە
  • 6.سۈرە ئەنئام
  • 7.سۈرە ئەئراپ
  • 8.سۈرە ئەنپال
  • 9.سۈرە تەۋبە
  • 10.سۈرە يۇنۇس
  • 11.سۈرە ھۇد
  • 12.سۈرە يۈسۈپ
  • 13.سۈرە رەئد
  • 14.سۈرە ئىبراھىم
  • 15.سۈرە ھىجر
  • 16.سۈرە نەھل
  • 17.سۈرە ئىسرا
  • 18.سۈرە كەھپ
  • 19.سۈرە مەريەم
  • 20.سۈرە تاھا
  • 21.سۈرە ئەنبىيا
  • 22.سۈرە ھەج
  • 23.سۈرە مۆمىنۇن
  • 24.سۈرە نۇر
  • 25.سۈرە پۇرقان
  • 26.سۈرە شۇئەرا
  • 27.سۈرە نەمل
  • 28.سۈرە قەسەس
  • 29.سۈرە ئەنكەبۇت
  • 30.سۈرە رۇم
  • 31.سۈرە لوقمان
  • 32.سۈرە سەجدە
  • 33.سۈرە ئەھزاب
  • 34.سۈرە سەبەئ
  • 35.سۈرە پاتىر
  • 36.سۈرە ياسىن
  • 37.سۈرە ساپپات
  • 38.سۈرە ساد
  • 39.سۈرە زۇمەر
  • 40.سۈرە غاپىر
  • 41.سۈرە پۇسسىلەت
  • 42.سۈرە شۇرا
  • 43.سۈرە زۇخرۇپ
  • 44.سۈرە دۇخان
  • 45.سۈرە جاسىيە
  • 46.سۈرە ئەھقاپ
  • 47.سۈرە مۇھەممەد
  • 48.سۈرە پەتىھ
  • 49.سۈرە ھۇجۇرات
  • 50.سۈرە قاپ
  • 51.سۈرە زارىيات
  • 52.سۈرە تۇر
  • 53.سۈرە نەجم
  • 54.سۈرە قەمەر
  • 55.سۈرە رەھمان
  • 56.سۈرە ۋاقىئە
  • 57.سۈرە ھەدىد
  • 58.سۈرە مۇجادەلە
  • 59.سۈرە ھەشر
  • 60.سۈرە مۇمتەھىنە
  • 61.سۈرە سەپ
  • 62.سۈرە جۇمۇئە
  • 63.سۈرە مۇناپىقۇن
  • 64.سۈرە تەغابۇن
  • 65.سۈرە تەلاق
  • 66.سۈرە تەھرىم
  • 67.سۈرە مۈلك
  • 68.سۈرە قەلەم
  • 69.سۈرە ھاققە
  • 70.سۈرە مائارىج
  • 71.سۈرە نۇھ
  • 72.سۈرە جىن
  • 73.سۈرە مۇزەممىل
  • 74.سۈرە مۇدەسسىر
  • 75.سۈرە قىيامەت
  • 76.سۈرە ئىنسان
  • 77.سۈرە مۇرسەلات
  • 78.سۈرە نەبەئ
  • 79.سۈرە نازىئات
  • 80.سۈرە ئەبەسە
  • 81.سۈرە تەكۋىر
  • 82.سۈرە ئىنپىتار
  • 83.سۈرە مۇتەپپىپىن
  • 84.سۈرە ئىنشىقاق
  • 85.سۈرە بۇرۇج
  • 86.سۈرە تارىق
  • 87.سۈرە ئەئلا
  • 88.سۈرە غاشىيە
  • 89.سۈرە پەجر
  • 90.سۈرە بەلەد
  • 91.سۈرە شەمس
  • 92.سۈرە لەيل
  • 93.سۈرە زۇھا
  • 94.سۈرە شەرھ
  • 95.سۈرە تىن
  • 96.سۈرە ئەلەق
  • 97.سۈرە قەدر
  • 98.سۈرە بەييىنە
  • 99.سۈرە زەلزەلە
  • 100.سۈرە ئادىيات
  • 101.سۈرە قارىئە
  • 102.سۈرە تەكاسۇر
  • 103.سۈرە ئەسر
  • 104.سۈرە ھۈمەزە
  • 105.سۈرە پىل
  • 106.سۈرە قۇرەيش
  • 107.سۈرە مائۇن
  • 108.سۈرە كەۋسەر
  • 109.سۈرە كاپىرۇن
  • 110.سۈرە نەسر
  • 111.سۈرە مەسەد
  • 112.سۈرە ئىخلاس
  • 113.سۈرە پەلەق
  • 114.سۈرە ناس