• 1. قىيامەت قايىم بولغان چاغدا،
  • 2. ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ
  • 3. زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ
  • 4. زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ
  • 5. زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ
  • 6. زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ
  • 7. سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر
  • 8. (بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر
  • 9. (ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە - ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر
  • 10. (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر
  • 11. ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر
  • 12. ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر
  • 13. بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر
  • 14. بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر
  • 15. ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ
  • 16. ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ
  • 17. (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ
  • 18. (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ
  • 19. ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ
  • 20. ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ
  • 21. ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ
  • 22. ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ
  • 23. بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر
  • 24. ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ
  • 25. ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ
  • 26. سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە - ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ
  • 27. سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟
  • 28. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
  • 29. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
  • 30. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
  • 31. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
  • 32. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
  • 33. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
  • 34. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
  • 35. شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق
  • 36. شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق
  • 37. شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق
  • 38. بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر
  • 39. بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر
  • 40. كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر
  • 41. بەختسىزلەر (يەنى نامە - ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟
  • 42. ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ
  • 43. ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ
  • 44. ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ
  • 45. چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى
  • 46. ئۇلار چوڭ گۇناھتا (يەنى كۇفرىدا) چىڭ تۇرغان ئىدى
  • 47. ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى
  • 48. ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى
  • 49. ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ
  • 50. ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ
  • 51. ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!
  • 52. چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر
  • 53. ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر
  • 54. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر
  • 55. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر
  • 56. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر
  • 57. (ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟
  • 58. سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنىي دەپ بېقىڭلارچۇ
  • 59. ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق
  • 60. بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز
  • 61. بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز
  • 62. شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە اﷲ نىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (اﷲ نىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟
  • 63. سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ
  • 64. ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟)
  • 65. ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق - دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار
  • 66. سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)
  • 67. سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)
  • 68. سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ
  • 69. ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟
  • 70. ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟
  • 71. سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ
  • 72. ئۇنىڭ دەرىخىنى (يەنى مۇرخۇ، ئۇبار ناملىق بىرىنىڭ شېخىنى بىرىگە سۈركىسە ھۆل تۇرۇپلا ئوت ئالىدىغان دەرەخنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟
  • 73. ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق
  • 74. ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن
  • 75. يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن قىلىمەن
  • 76. شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار اﷲ نىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر
  • 77. شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
  • 78. كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر
  • 79. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ
  • 80. ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
  • 81. (ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟
  • 82. (سىلەر اﷲ نىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟
  • 83. جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر
  • 84. جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر
  • 85. بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)
  • 86. ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار
  • 87. ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار
  • 88. ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت - ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت - پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ
  • 89. ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت - ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت - پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ
  • 90. ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا، (ئۇلار راھەت - پاراغەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن ساڭا سالام!
  • 91. ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا، (ئۇلار راھەت - پاراغەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن ساڭا سالام!
  • 92. ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ
  • 93. ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ
  • 94. جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ
  • 95. شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر
  • 96. ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن
ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo
logo
  • 1.سۈرە پاتىھە
  • 2.سۈرە بەقەرە
  • 3.سۈرە ئال ئىمران
  • 4.سۈرە نىسا
  • 5.سۈرە مائىدە
  • 6.سۈرە ئەنئام
  • 7.سۈرە ئەئراپ
  • 8.سۈرە ئەنپال
  • 9.سۈرە تەۋبە
  • 10.سۈرە يۇنۇس
  • 11.سۈرە ھۇد
  • 12.سۈرە يۈسۈپ
  • 13.سۈرە رەئد
  • 14.سۈرە ئىبراھىم
  • 15.سۈرە ھىجر
  • 16.سۈرە نەھل
  • 17.سۈرە ئىسرا
  • 18.سۈرە كەھپ
  • 19.سۈرە مەريەم
  • 20.سۈرە تاھا
  • 21.سۈرە ئەنبىيا
  • 22.سۈرە ھەج
  • 23.سۈرە مۆمىنۇن
  • 24.سۈرە نۇر
  • 25.سۈرە پۇرقان
  • 26.سۈرە شۇئەرا
  • 27.سۈرە نەمل
  • 28.سۈرە قەسەس
  • 29.سۈرە ئەنكەبۇت
  • 30.سۈرە رۇم
  • 31.سۈرە لوقمان
  • 32.سۈرە سەجدە
  • 33.سۈرە ئەھزاب
  • 34.سۈرە سەبەئ
  • 35.سۈرە پاتىر
  • 36.سۈرە ياسىن
  • 37.سۈرە ساپپات
  • 38.سۈرە ساد
  • 39.سۈرە زۇمەر
  • 40.سۈرە غاپىر
  • 41.سۈرە پۇسسىلەت
  • 42.سۈرە شۇرا
  • 43.سۈرە زۇخرۇپ
  • 44.سۈرە دۇخان
  • 45.سۈرە جاسىيە
  • 46.سۈرە ئەھقاپ
  • 47.سۈرە مۇھەممەد
  • 48.سۈرە پەتىھ
  • 49.سۈرە ھۇجۇرات
  • 50.سۈرە قاپ
  • 51.سۈرە زارىيات
  • 52.سۈرە تۇر
  • 53.سۈرە نەجم
  • 54.سۈرە قەمەر
  • 55.سۈرە رەھمان
  • 56.سۈرە ۋاقىئە
  • 57.سۈرە ھەدىد
  • 58.سۈرە مۇجادەلە
  • 59.سۈرە ھەشر
  • 60.سۈرە مۇمتەھىنە
  • 61.سۈرە سەپ
  • 62.سۈرە جۇمۇئە
  • 63.سۈرە مۇناپىقۇن
  • 64.سۈرە تەغابۇن
  • 65.سۈرە تەلاق
  • 66.سۈرە تەھرىم
  • 67.سۈرە مۈلك
  • 68.سۈرە قەلەم
  • 69.سۈرە ھاققە
  • 70.سۈرە مائارىج
  • 71.سۈرە نۇھ
  • 72.سۈرە جىن
  • 73.سۈرە مۇزەممىل
  • 74.سۈرە مۇدەسسىر
  • 75.سۈرە قىيامەت
  • 76.سۈرە ئىنسان
  • 77.سۈرە مۇرسەلات
  • 78.سۈرە نەبەئ
  • 79.سۈرە نازىئات
  • 80.سۈرە ئەبەسە
  • 81.سۈرە تەكۋىر
  • 82.سۈرە ئىنپىتار
  • 83.سۈرە مۇتەپپىپىن
  • 84.سۈرە ئىنشىقاق
  • 85.سۈرە بۇرۇج
  • 86.سۈرە تارىق
  • 87.سۈرە ئەئلا
  • 88.سۈرە غاشىيە
  • 89.سۈرە پەجر
  • 90.سۈرە بەلەد
  • 91.سۈرە شەمس
  • 92.سۈرە لەيل
  • 93.سۈرە زۇھا
  • 94.سۈرە شەرھ
  • 95.سۈرە تىن
  • 96.سۈرە ئەلەق
  • 97.سۈرە قەدر
  • 98.سۈرە بەييىنە
  • 99.سۈرە زەلزەلە
  • 100.سۈرە ئادىيات
  • 101.سۈرە قارىئە
  • 102.سۈرە تەكاسۇر
  • 103.سۈرە ئەسر
  • 104.سۈرە ھۈمەزە
  • 105.سۈرە پىل
  • 106.سۈرە قۇرەيش
  • 107.سۈرە مائۇن
  • 108.سۈرە كەۋسەر
  • 109.سۈرە كاپىرۇن
  • 110.سۈرە نەسر
  • 111.سۈرە مەسەد
  • 112.سۈرە ئىخلاس
  • 113.سۈرە پەلەق
  • 114.سۈرە ناس