• 1. قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى

  • 2. (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ

  • 3. ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر

  • 4. ئۇلار ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى

  • 5. مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (اﷲ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ

  • 6. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېسابقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر چالىدۇ)

  • 7. ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ

  • 8. ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ

  • 9. ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى

  • 10. ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى

  • 11. ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق

  • 12. زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (اﷲ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر - بىرىگە) قوشۇلدى

  • 13. نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق

  • 14. كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)

  • 15. ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  • 16. مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

  • 17. ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  • 18. ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

  • 19. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى

  • 20. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى

  • 21. مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

  • 22. بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  • 23. سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى

  • 24. ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز

  • 25. ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھيى نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»

  • 26. ئۇلار ئەتە (يەنى ئاخىرەتتە) كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

  • 27. بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن

  • 28. سۇنىڭ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنگەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن

  • 29. ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى

  • 30. مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

  • 31. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ (ھالاك قىلىش بىلەن) ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ - شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق

  • 32. بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  • 33. لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى

  • 34. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

  • 35. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

  • 36. شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى

  • 37. ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (يەنى ئادەمزات شەكلىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى) (ئۇلار بىلەن لىۋاتە قىلىش ئۈچۈن) قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا) «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق)

  • 38. ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي (يەنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان) ئازاب نازىل بولدى

  • 39. (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېيىلدى)

  • 40. بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  • 41. شەك - شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى

  • 42. ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق

  • 43. (ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟

  • 44. ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز» دەمدۇ؟

  • 45. (مۇشرىكلار) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ

  • 46. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر

  • 47. گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر

  • 48. ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)

  • 49. بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق

  • 50. (بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)

  • 51. بىز ھەقىقەتەن (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەردىن كۇفرىدا) سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  • 52. ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى ۋە يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە - ئەماللىرىدا مەۋجۇتتۇر

  • 53. كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنگەندۇر

  • 54. شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

  • 55. (ئۇلار) قۇدرەتلىك اﷲ نىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ

ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo