• 1. (ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!

  • 2. سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن

  • 3. سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان اﷲ قا ئىبادەت قىلمايسىلەر

  • 4. سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق

  • 5. سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان اﷲ قا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق

  • 6. سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»

ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo