• 1. تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل - مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى

  • 2. تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل - مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى

  • 3. راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر

  • 4. ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر

  • 5. ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)

  • 6. سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر

  • 7. ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر

  • 8. ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر

ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo